ۋەتەن بلوگى | Weten'sBlog

جۇڭگولۇقلارنىڭ «بەخت» ىنى كىم ئوغرىلاپ كەتتى؟
تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دانىيە كىشىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ مەنبەسى باراۋەرلىك ئىكەن، سىنگاپورلۇقلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ مەنبەسى مۇكەممەل بولغان قانۇن ئىكەن؛ھىندىستاننىڭ كالكۇتتادا ياشايدىغان نامراتلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى بولسا ئۆز-ئارا مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ ياشاشتىن كېلىدىكەن…

بايقاش تەس ئەمەسكى، ئادەملەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئۆزىنى بەختلىك ياكى بەختسىز دەپ قارىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىككى مەسىلىگە باغلىق بولىدۇ:

بىرى تاشقى ئامىل، يەنى بىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي چوڭ مۇھىت، يەنە بىرى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىمىز. بۇ ئىككى نۇقتىنىئ ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرنى كونكرېتلاشتۇرۇپ چىقساق تۆۋەندىكىلەرگە ئېرىشىمىز؛

1. ئېتىقادسىزلىق

بۇ مەسىلىنى سۆزلەپ كەلسەك گەپ جىق، ئەمما جۇڭگولۇقلار بارغانچە شۇنى ئىنىق ھېس قىلىدۇكى، ئېتىقادسىزلىق بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگولۇقلارغا جىق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئېتىقادسىزلىق كۆپلىگەن ئەخلاقسىزلىق، رەزىللىك ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىگە خاس بولمىغان ھالەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى مەنبە.

2.تۈگىمەس سېلىشتۇرۇش

غەربلىكلەردە مۇنداق گەپ بار: «بىرئادەمنىڭ بەختىيار بولۇشى، تەلەيلىك بولۇشى ئۆزىنىڭ قانچىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن ئەمەس، ئۇنىڭ قوشنىسىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىشى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.»  بىراق، جۇڭگولۇقلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى بەختىيارلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى باشقىلاربىلەن بەسلىشىش. ھەقىقەت شۇكى باشقىلارنىڭ بەختىيارلىقى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا، بەخت بىزدىن يەنىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ.

3.بەخت ئىلكىدىكى بەخىتسىزلىك تۇيغۇسى

سىز چىراق يېقىلغان ئۆيدە تۇرغىنىڭىزدا چىراغقا دىققەت قىلمايسىز، ئەمما چىراغ ئۆچۈرۈلسە ئاندىن ئۇنىڭ مەۋجۈتلىكىگە دىققەت قىلىسىز. جۇڭگولۇقلاردىكى بىر ئورتاقلىق دەل شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئېرىشكەنلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيدۇ، ئايرىلىپ قالغاندا قاقشايدۇ.

4.گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى

جۇڭگولۇقلار دائىم تەبىئەتنىڭ ئەسلى گۈزەللىكىنى، سەنئەتنىڭ گۈزەللىكىنى، مەنىۋىيەتتىكى گۈزەللىكلەرنى بايقىيالمايدۇ ياكى قىلچىلىك چۈشەنمەيدۇ.

5.تەقدىم قىلىشنى بىلمەسلىك

جۇڭگودا تەقدىم قىلىش ھەققىدە داۋراڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قىلىنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇقلار تەقدىم قىلىشنى تۈزۈك چۈشەنمەيدۇ. خەيرى -ساخاۋەت پەقەت بايلارنىڭ ئىشى ئەمەس، ھەم ئۇ پەقەت ماددىي بايلىقنىڭلا ئىشى ئەمەس. نەچچە مىليون ئىئانە قىلىش خەيرى-ساخاۋەت بولسا، باشقىلارغا كۈلۈمسىرەپ بېقىشمۇ بىرتۈرلۈك ساخاۋەت، جۇڭگولۇقلاردا دەل مۇشۇخىل تەقدىم قىلىش يوق.

6.  ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆزلۈك

ئادەم قاچان قانائەت تاپىدۇ؟ ئەگەر نەپسىنى يىغىشنى بىلمىسە مەڭگۈ قانائەت تاپمايدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاچكۆزلىكىگە گەپ ئىشلىمەيدۇ.

7.زىيادە ئەنسىزلىك تۇيغۇسى

بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش، بايلىقىدىن ئەنسىرەش، سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەش، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىدىن ئەنسىرەش، خىزمەت ئورنىدىن ئەنسىرەش………..ھازىر جۇڭگودا كىشلەر نېمىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ئەنسىزلىك بارجايدا، بەخت تۇيغۇسى نېمە ئىش قىلىدۇ؟

8. زىيادە بېسىم

سىياسى بېسىم، خىزمەت بېسىمى، ئائىلە بېسىمى، پىسخىكىلىق بېسىم، ئىقتىسادىي بېىسم، كىشىلىك مۇناسىۋەت بېسىمى……دۇنيادىكى ھەممە بېسىملار جۇڭگودىن تېپىلىدۇ.

9. زىيادە يۇقىرى ئۆلچەملەر

جۇڭگولۇقلار ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى ئارقىلىق، باشقىلارغا تەلەپ قويىدۇ، يەنى مەن قىلالايمەن، سەن نېمىشقا قىلالمايسەن؟ ، يەنە باشقىلارنىڭ ئۆلچىمىدە ئۆزىگە تەلەپ قويىۋالىدۇ، يەنى ئۇ قىلالايدۇ، مەن نېمىشقا قىلالمايمەن؟ .جۇڭگولۇقلار جەزمەن ئۆزىگە ئۇيغۇن ئۆلچەم قويۇشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.

10. ئۆزى بولالماسلىق

بىرئادەم، ياخشى بالا بولالايدۇ، ياخشى ئاتا-ئانا بولالايدۇ، ياخشى دوست بولالايدۇ، ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ..بىراق، ئەگەر بىرئادەم ئۆز نىشانىدىكى «مەن» بولالمىسا، دائىم ئۆزى بىلەن كۈرەش قىلسا، ئۇ ئەلۋەتتە تەڭپۇڭ بولالمايدۇ،خۇشھاللىقتىن بەك يىراقتا قالىدۇ.

سىنا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

قانداق ئىقتىدار ئەڭ مۇھىم؟
«بىزگە ئەڭ كېرەكلىك، بىز ئەڭ ئېھتىياجلىق قابىلىيەت زادى نېمە؟ بۇزامانىۋى جەمئىيەتتە بىزقايسى ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك؟… بۇ بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سۇئاللىرى. بىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئېلىگىرى، بىرلىكتە تېخى بىز بىلەن ئىچەكىشىپ كەتمىگەن بۇ زامانىۋى دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئازتولا تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.

سىز زادى قايسى سۆزلەر بىلەن بۈگۈنكى بۇ دۇنيانى سۈرەتلەپ بېرەلەيسىز، بۇنى بىلمىدىم، ئەمما مېنىڭچە «ئۆزگىرىش ۋە سۈرئەت» دېگەن ئىككى سۆزبىلەن سۈرەتلەش مۇمكىن. دۇنيا بىرتەرەپتىن توختاۋسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ ئۆزگىرىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز.

بىز مۇشۇنداق ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزئۈچۈن تەبىئىي ھالدا، بۇ دەۋردە بىزگە ئەڭ كىرەكلىك ئىقتىدار بولسا دەل «تېز سۈرئەتتە ئۆگىنىش» دەپ قارايمىز. چۈنكى بىزنىڭ قارىشىمىزچە پەقەت تېز سۈرئەتتە ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن «دەۋربىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش»  تىن ئىبارەت مودا ئېقىمغا تەۋە بولالايمىز، قانچىلىك يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىشىدىن قەتئى-نەزەر، بىز تېزلىكتە ماسلىشىشىمىز كېرەك.

دەرۋەقە، ئىلگىرى مەن دەل شۇنداق ئويلىغان ئىدىم، كېيىن بايقىدىمكى تېز سۈرئەتتە ئۆگىنشىنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىقتىدار يېتلدۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بەك ئاز. ئەمەلىيەتتە، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش رىتىمى، بايقىغىنىمىزدىكىدىنمۇ تېز بولۇپ، ھەرقانچە تېز ئۆگەنسەكمۇ بەرىبىر ئۇنىڭ قەدىمىگە يېتىشپ بولالمايمىز ئەلۋەتتە.

شۇڭا، بىز باشقىچىرەك بىر يولنى يەنى «مەن نېمىنى ئۆگىنىشم كېرەك» دېگەننى ئويلىششنى تاللاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بىز بىزۋاقىت ۋە زېھنىمىزنى ئىسراپ قىلىپ ئەشۇ بىرپاتمان ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە ئۆزىمىزنى ئۇپىراتمايمىز. بىز پەقەت بىزگە كېرەكلىك بولغان، ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغان ئىشلارئۈستىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز. ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر قانچە كۆپ بولسا، تاللاش ئىمكانىيىتىمىز شۇنچە قېيىنلىشىدۇ. شۇڭا، نېمىنى ئۆگىنىشنى تاللاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بەك مۇھىم بىر ھالقاھېسابلىنىدۇ، بۇ يولدا بىز ۋاقىتنى تېجەپلا قالماي يەنە ئىش-ئوقىتىمىزدە راۋاجلىنالايمىز.

يېغىنچاقلىساق، مېنىڭ قارىشىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدار « نېمىنى ئۆگىنىش كىرەكلىكىنى بېلىش» تۇر. بىزمۇشۇ ئىقتىدارنى ئىگىلىسەك، ھايات يولىدىكى تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا قىينالمايمىز.

«مېڭە يۇيۇش» دېگەن نېمە؟
نەچچە كۈن بۇرۇن، بىر تورداش ئېلخەت يېزىپ «مېڭە يۇيۇش» ئۇقۇمى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىمنى سوراپتىكەن، گەرچە پىسخىلوگ بولمىساممۇ، پىسخىلوگىيە ھەۋەسكارى بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ، ئاز-تولا ئىزدىنىپ قويدۇم.

«مېڭە يۇيۇش» دېگەن نېمە؟

مۇناسىۋەتلىك خەنچە ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، «مېڭە يۇيۇش» ئۇقۇمى ئەڭ ئاۋۋال ھەربي ساھەدىن كەلگەن، بۇ سابىق سۆۋېت ئىتتپاقىنىڭ سىېسىق نامى پۇركەتكەن جاسۇسلۇق ئورگىنى KGB تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق سىناقلاردىن ئۆتكەن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ پېشىپ يېتىلگەن بىرتېخنىكىغا ئايلانغان. پەقەت ئادەملا بولىدىكەن، پەقەت يېتەرلىك ۋاقىتلا بولىدىكەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش بەسى مۇشكۇل ئىش.

مېڭە يۇيۇش- بۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسى تاقابىل تۇرۇشى تەس بولغان بىرخىل سېھىر، ئەگەر ئىشەنمىگەنلەر سىناپ باقسا بولىدۇ. بولۇپمۇ، پىسخىلوگىيە،پەلسەپە ۋە ئاخبارات ئىلمى قاتارلىقلارغا ئائىت بىلىدىغانلىرى كۆپ بولمىغان كىشلەر ياكى ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى پەقەت ئۈچ كۈندىلا يۇيۇۋەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ئەقلىي تەپەككۈرى بىرقەدەر ياخشى كىشىلەرمۇ بىر ھەپتە ئۆپ-چۆرىسىدە بەرداشلىق بىرەلىگەن. چۈنكى، بىر ھەپتىدەك ۋاقىتتا، گەرچە سىزنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتىمىگەن تەقدىردىمۇ، بىراق روھى ھالىتىڭىز ئاللاقاچان ئېغىردەرىجىدە يۇقۇملىنىپ بولغان بولىدۇ،دېمەك ئىرادىڭىز ئازىراقلا تەۋرەنگەن ھامان خەتەر رايۇنىغا كېرىپ كىتىسىز دېگەن گەپ.

«مېڭە يۇيۇش» تىكى ئاساسلىق نەيرەڭلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئۇقۇمنى يوشۇرۇنچە ئالماشتۇرۇۋىتىش

2. تەكرار-تەكرار كۈچەيتىش

3. ئۆزىدىن بېشارەت بېرىش

4. باشقىلاردىن بېشارەت بېرىش

5. كوللېكتىپ بېسىم ئىشلتىش

مېڭە يۇيۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ۋە جەريانى

1. ئىستەكنى قوزغىتىش . مېڭە يۇيۇش سىزدە ئەسلىدە بار بولغان تونۇش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا بىرىنچى قەدەمدە سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز ۋە ئىستەكلىرىڭىزقوزغىتىلىدۇ.

2. مۇددىئا بېكىتىش . سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز قوزغىتىلغاندىن كېيىن، سىزگە نېسبەتەن كەڭ دائىرىلىك نىشان بېكىتىلىدۇ. ئاندىن كېيىن سىزگە گۈزەل تۇرمۇش، گۈزەل غايىلەرھەققىدە شەپە بېرىلىدۇ ۋە شۇنىڭدەك شەرتسىز تۈردە ياردەملەرھەدىيە قىلىنىدۇ.

3. پىكىر قىلىشقا يول قويماسلىق . يۇقىرىقى نىشاننى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بېكىتىش ئۈچۈن ئۆز ئىقتدارىنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقى روشەنلەشكەن ۋاقىتتا، ئادەمدە گۇمانلىنىش، قايتىدىن ئانالىز قىلىش، رىئاللىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ياكى رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ساختا ئۇقۇم قوللىنىش قاتارلىق ئىنكاسلار پەيدا بولىدۇ. بۇ مېڭى يۇيۇشنىڭ ھالقىلىرى. مېڭە يۇيغۇچىلار سىزگە ھەرگىزمۇ پىكىر قىلىشقا ۋاقىت بەرمەيدۇ، بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنداق قىلىشقا يەتمەيدۇ. پۈتكۈل بىرتەرەپ قىلىش جەريانى بىردەك ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ، ئۇلار سىزنىڭ مېڭىڭىزگە زورمىقداردىكى ئانالىز مەسىلىلىرىنى كىرگۈزۈپ سىزنى گاراڭ ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ سىزنى ئۇخىلىتىش نىڭ ياخشى پەيتى. بۇۋاقىتتا ئۇلار پىكىر يولىڭىزنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن،ئەسلىدىكى ئۇقۇملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇۋىتىشكە باشلايدۇ.

4. مۇقۇملاشتۇرۇش.

ماۋۇ دىيالوگقا قاراڭ ؛

- سىز خىزمەت قىلىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى؟

- 15 يىل بولدى..

- قانچىلىك پۇل توپلىيالىدىڭىز؟

- نەدىكى پۇلنى دەيسىز…

- نېمىشقا ؟

- ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلىقىمنىڭ كاساپىتى بولمامدۇ!

- ھەي..شۇ ئەمەسمۇ. ئەمدى قانداق قىلىشنى بىلگەنسىز؟

- بىلدىم( قىزىقىش، ئىلھاملىنىش كەيپىياتى)

- ھىم!…

- …( پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بۇ ھالەتتىن قۇتۇلىمەن)

5. باشقا ۋاستىلەر :

(1) كوللېكتىپ بېسىم ئىشلىتىش . مۇنداق بىر مەنزىرىنى ھېس قىلايلى: پۈتكۈل ساۋاق ئېلىش جەريانىدا، ساۋاق بەرگۈچى سىزگە ئىچ-ئىچىدىن كۆيۈنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، باشقا كونا ساۋاق ئالغۇچىلاربۇ ھىسىياتنىڭ چىنلىقىنى جەزىملەيدۇ. سىز بىر يېڭىياچى. بىر توپ مېڭە يۇغۇچىنىڭ تەسردائىرىسىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟ ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلامسىز؟مۇرەسسە قىلشىنى باشلىغان ۋاقتىڭىز ،سىزنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قېلىنىشقا باشلىغان ۋاقتىڭىز بولىدۇ.

(2) يەككىلىكنى ئىنكار قىلىش. ھسىياتنى ئازدۇرۇش ھۈنىرى ئارقىلىق بىرتۈرلۈك «ئائىلە» تۇيغۇسىنى ياكى كوللېكتىپ مېھرىنىڭ يۈكسەكلىنى ھېس قىلدۇرىدىغان كوللىكتىۋىزىملىق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق يەككىلىك ئۇقۇمى كۆمۈۋىتىلىدۇ. مەسىلەن؛ كوللېكتىپ چاقىرىق، كوللېكتىپ خۇشاللىق پائالىيەتلىرى قاتارلىقلار، يەككلىك ئېڭى قۇدرەتلىك كوللېكتىۋىزىملىق ئېڭىغا يولۇققان ۋاقتىدا، ئاسانلا گۇمران بولىدۇ.

(3) ئادەمنىڭ ئەقلىي مۇداپىئەسىنى بوشىتىۋىتىش. كىشىلەرنىڭ بىلىشىدىكى قارىغۇ نۇقتا لاردىن پايدىلىنىپ، زور تۈركۈمدىكى ئۇچۇرلانى بۇرمىلاپ، كىشىلەرنىڭ تونۇشى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشلەريېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تولدۇرىلىدۇ.

(4) كىشلەرنىڭ ئەخلاق تۇيغۇسىغا ھۇجۇم قىلىش. ئىنسان تەبىئىتىدىكى رەزىل تەرەپلەرسۇيۈزىگە چىقىرىلىپ، ئەخلاق قارىشى جىددىيلەشتۈرۈلىدۇ،ئىنسان نەپىسنىڭ ئېچىرقاشلىرى تەنتەنىلىك ھالدا بازارغا سېلىنىدۇ، كىشلەر ئاستا-ئاستا ئىزىققۇچىلاردىن ئازدۇرغۇچىلارغا ئايلىنىدۇ.

(5) مۇۋاپىق بولغان تارقىتىش ئۇسۇلى

(6) نۇتۇق ئارقىلىق كۈچلۈك زارىقىشلارنى ئىپادىلەش

(7) ئۆزىنىڭ مەلۇم تەرتىپكە تەۋەلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش

(8) ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىدىن پايدىلىنىش

داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ…..

پىسخىكىلىق سىناق: بەش خىل ھايۋانات بىلەن ئورماندىن ئۆتۈش
ئۇزۇن بوپتۇ تورداشلارنىڭ پسىخىكىسىنى سىناپ باقمىغىنمغا، بەلكىم تورداشلارنىڭمۇئۆز پسىخىكىسىنى بىر تەكشۈرۈپ باقىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. بۈگۈن سىلەرگە بىر سىناق ئېلىپ كەلدىم، مەزمۇنى خۇددى بىر ئويۇننى ئەسلىتىدۇ، ئەمما نەتىجىسى سىزنى ئويغا سالىدۇ، مېنىڭچە سىزئاۋال سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپىنى تاماملاڭ، ئاندىن جاۋابىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن بىرپەس ئويلىنىڭ.

ئاۋال سىزگە بەش تۈرلۈك ھايۋانات تاپشۇرىمەن، ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، ئۇلار : يولۋاس، مايمۇن، توز،پىل ۋە ئىتتىن ئىبارەت.

سىزگە بۇ بەش تۈرلۈك ھايۋاناتنى ئەگەشتۈرۈپ، بىرئىپتىدائىي ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈش ۋەزىپىسى بېرىلدى،ئورمان ئىچى بەك خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن سىز ئامالسىزلىقتىن يول بويى بۇلارنى بىردىن-بىردىن تاشلىۋەتمەكچى بولدىڭىز، ئۇنداقتا سىزئەڭ ئاۋال قايسىنى تاشلىۋېتىسىز؟ باشتىن ئاخىر تاشلىۋىتىلىدىغانلارنىڭ رەت تەرتىپى قانداق؟

سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ

ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 40سائەت بولسا مۇۋاپىق
لېنىن «ئارام ئېلىشنى بىلمىگەن يولداش، خىزمەت قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ» دەپتىكەن، بۇ بىر ھەپتە، بۇ كومۇنىزم داھىيسىنىڭ پەتىۋاسىغا يۈز نومۇر بېرىۋەتتىم،چۈنكى بىرھەپتە خىزمەت سىجىللىقىم ھەددىدىن زىيادە بولغان  بولسىمۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئىش ئۈنۈمىنىڭ بەكلا تۆۋەن بولغانلىقىنى بايقىدىم. دېمەك، خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇنراق بولسا، كۆپرەك ئىشىنى تۈگىتىۋالىمەن دېيىش توغرا ئەمەسكەن.

ئادەتتە كۈنىگە 8سائەتتىن بىرھەپتىدە جەمئى 40 سائەت خىزمەت ۋاقتى بېكىتىلگەن، ئۇنداقتا بۇ زادى مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ؟

بۇ ھەقتە ماتېرىيال كۆرسەم، 20 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، فورد ماشىنىسازلىق شېركىتى نۇرغۇن قېتىملىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق، بۇ ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت ۋاقتىنى بېكىتكەن بولۇپ،ئۇلار بىر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتىنىڭ 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىملىقىنى ئەڭ دەسلەپ تەكىتلىگەن.

ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن بىرىدە، ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتىغا يەنە 20 سائەت قوشۇلغان، بۇنىڭ تەسىرىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىرئاز ئۆسكەن، لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش پەقەت ئۈچ-تۆت ھەپتىگىچە ئارانلا بەرداشلىق بەرگەن بولۇپ،ئۇنىڭدىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتكەن.

100يىل ئىلگىرى ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت ۋاقتى دەپ قارالغان ھەپتىدە 40 سائەت ئىشلەش تۈزۈمى ھېلىھەممۇ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. شۇنىسى ئايدىڭكى ھەقىقى يوسۇندا ھەپتىدە 40سائەت ئىشلىگەن ئادەم، مەجبۇرى تۈزۈم بويىچە 60 سائەت ئىش ۋاقتى بەلگىلەنگەن ئادەمنىڭ ئىشغا قارىغاندا كۆپ ئۈنۈم يارىتالايدۇ. چۈنكى ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، خىزمەت ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، كىشىدە ئىچى سىقىلىش كەيپىياتى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، بۇ بىۋاستە ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەپسۇس، پېقىر بۈگۈنمۇ (شەنبە) خىزمەت قىلدى، سىزچۇ؟

كائىنات ۋە ئادەم: بىردەم تۇيغۇ يېڭىلايلى…
ئۇھ… تۈنۈگۈن بىركۈن بىلوگدا «فەتېھ 1453 » نىڭ غوۋغاسى بىلەن ئوت كەتتى، ئوتنى ئۆچۈرىمەن دەپ پىقىر ھالىدىن كەتتى، بۈگۈن بايرام ئىكەن، ۋەتەنگە توپلىنىپ كەتكەن كىنو مەستانىلىرى كىنو تېپىلغۇچە زېرىكىپ كەتمىسۇن دەپ بايراملىق سوۋغات تەييارلاپ قويدۇم.

سىلەر كۆرگەچ پاراڭلىشىڭلار، مەن تۈركىيىگە بېرىپ كىلەي…

1.كائىنات قانچىلىك چوڭلۇقتا؟

تۆۋەندىكى فىلىمدە ئىنسانلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان سەييارىلەرنىڭ چوڭ -كېچىكلىكى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇلغان، فىلمنى كۆرسىڭىز ئالدى بىلەن بىز ياشاۋاتقان يەرشارىنىڭ ئىنتايىن كېچىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، ئەمما سائېتىگە 900كېلۇمېتر سۈرئەت بىلەن ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بىلەن 1100 يىلدا ئايلىنىپ بولغىلى بولىدىغان گېگانت سەييارىلەرمۇ ئالەم ئۈچۈن ئېيتقاندا بىرتال زەررىچە خالاس!

<object width="480" height="400" classid="clsid:d27cdb6e-ae6d-11cf-96b8-444553540000" codebase="http://download.macromedia.com/pub/shockwave/cabs/flash/swflash.cab#version=6,0,40,0"><param name="src" value="http://player.youku.com/player.php/sid/XMjI2MjE0OTI4/v.swf" /><param name="quality" value="high" /><param name="allowscriptaccess" value="sameDomain" /><param name="allowfullscreen" value="true" /><embed width="480" height="400" type="application/x-shockwave-flash" src="http://player.youku.com/player.php/sid/XMjI2MjE0OTI4/v.swf" quality="high" allowscriptaccess="sameDomain" allowfullscreen="true" /></object>

2. بىز قانداق پەيدا بولدۇق؟

ئادەم تەڭرىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئەسىرىمۇ؟ بۇنىڭغا بىز بىرنېمە دېيەلمەيمىز، چۈنكى ئالەم بەك چوڭ، بىزدىنمۇ مۇكەممەل يارالمىشلاربولىشى مۇمكىن. بىرئادەمنىڭ قانداق دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىڭىز ئاندىن بۇ ئالەمدىكى يارىتىلىشلار ھەققىدە پەرۋاسىز تۇيغۇلىرىڭىز نەلەرگىدۇر غايىپ بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئالتە مىنۇتلۇق فىلىمدە بىر يېڭى ھاياتلىق ئادەم نىڭ يورۇق دۇنياغا كېلىش سەپىرى سۈرەتلەپ بېرىلگەن.

<object width="480" height="400" classid="clsid:d27cdb6e-ae6d-11cf-96b8-444553540000" codebase="http://download.macromedia.com/pub/shockwave/cabs/flash/swflash.cab#version=6,0,40,0"><param name="src" value="http://player.youku.com/player.php/sid/XMjA5MzU2OTQ4/v.swf" /><param name="quality" value="high" /><param name="allowscriptaccess" value="sameDomain" /><param name="allowfullscreen" value="true" /><embed width="480" height="400" type="application/x-shockwave-flash" src="http://player.youku.com/player.php/sid/XMjA5MzU2OTQ4/v.swf" quality="high" allowscriptaccess="sameDomain" allowfullscreen="true" /></object>

3. يەرشارى 10 مىليارد نوپۇسنى باقالايدۇ

يەرشارىدا نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ نەسىلى قۇرۇپ كەتتى، لېكىن ئىنسانلار بۇنىڭ ئەكسىچە. ھازىريەرشارىدا7 مىليارد نوپۇس بار. مىلادىي 1000-يىللاردا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ نوپۇسى 300مىليۇن ئىكەن، ئۇنىڭدىن كېينكى 1000يىلدا، بىز7مىليارد نوپۇسى بارغايەت زور بىر توپ جانلىققا ئايلىنىپتۇق!

ئالاقىدار ئالىملار، يەرشارى كۆپ بولسا 10مىليارد ئىنساننى باقالايدۇ دېيىشمەكتە، ئەجىبا بۇ قورقۇنۇچلۇق خەۋەر ئەمەسمۇ؟

تۆۋەندىكى فىلىمدە ناھايىتى ئوبرازلىق تەرىزدە ئىنسانلارنوپۇسىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بەرگەن، ئەينەك شىشىلەرگە قۇيۇلىۋاتقىنى تۇغۇلىۋاتقانلارنى، تۆكۈلىۋاتقىنى ئۆلىۋاتقانلانلارنى كۆرسىتىدۇ. سولدىن ئوڭغا قارىتا، شىمالىي ئامېرىكا،جەنۇبىي ئامېرىكا،ئافىرىقا، ياۋروپا، ئاسىيادىكى باشقادۆلەتلەر، جۇڭگو ۋە ھېندىستانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇنداق تېزىشتكى سەۋەبنى دېمىسەممۇ ئۆزىڭىز بىلىسىز.

<object width="480" height="400" classid="clsid:d27cdb6e-ae6d-11cf-96b8-444553540000" codebase="http://download.macromedia.com/pub/shockwave/cabs/flash/swflash.cab#version=6,0,40,0"><param name="src" value="http://www.tudou.com/v/8dRrCKCunhQ/&resourceId=0_05_02_99/v.swf" /><param name="allowscriptaccess" value="always" /><param name="allowfullscreen" value="true" /><param name="wmode" value="opaque" /><embed width="480" height="400" type="application/x-shockwave-flash" src="http://www.tudou.com/v/8dRrCKCunhQ/&resourceId=0_05_02_99/v.swf" allowscriptaccess="always" allowfullscreen="true" wmode="opaque" /></object>

ئۇھ، يۇقارقىلارنى كۆرۈپ بەلكىم نېرىۋىلىرىمىز جىددىيلىشپ قالغاندۇ، ئەمدى بىرئاز ئۇچايلى… بەزىدە خىزمەت بېسىمى ھەددىدىن ئاشقاندا، ئېگىز چوققىلارغا چىقىۋىلپ تازا ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ، يەنە بەزىدە سۈپ-سۈزۈك ئاسمانغا قاراپ ئەشۇ تىنىق بوشلۇقتا كۆزۈمنى يۇمغۇنىمچە لەيلەپ يۈرسەم دەپ كېتىمەن…

<object width="480" height="400" classid="clsid:d27cdb6e-ae6d-11cf-96b8-444553540000" codebase="http://download.macromedia.com/pub/shockwave/cabs/flash/swflash.cab#version=6,0,40,0"><param name="src" value="http://player.youku.com/player.php/sid/XMjYwNTMxMTE2/v.swf" /><param name="quality" value="high" /><param name="allowscriptaccess" value="sameDomain" /><param name="allowfullscreen" value="true" /><embed width="480" height="400" type="application/x-shockwave-flash" src="http://player.youku.com/player.php/sid/XMjYwNTMxMTE2/v.swf" quality="high" allowscriptaccess="sameDomain" allowfullscreen="true" /></object>

«فەتېھ 1453» نى كۆرەمدۇق؟
ئۆتكەندە بىلوگىمدا تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىپ ئىشلەنگەن تارىخى فىلىم« فەتىھ 1453 » ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ئىدىم ۋە تورداشلارغا بۇ فىلىمنى تېز ئارىدا تېپىپ، چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەيمەن دەپ لاپ ئۇرغاندەك قىلغانتىم. ئەمەلىيەتتە شۇنىڭدىن بىرى ئىزچىل تۈردە بۇ كىنونى ئىزدەپ يۈردۈم، تۈركلەر بەك كۆپ مەبلەغ سېلىۋەتكەچكىمۇ، بۇ كىنو تېز ئارىدا توردا تارقىلىپ كېتەلمىدى…

ئۇنداقتا،بۇ كىنونى زادى تاپتىممۇ-يوق بۇ ھەقتە يازما ئاخىرىدا ئۇچۇر بېرىمەن، ئاۋال يەنە بۇ كىنو ھەققىدە قىسقىچە توختىلىۋالاي:

فەتىھ ( بويسۇندۇرغۇچى)  – تۈركلەر تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك غازى، مۇھەممەد2 نىڭ شەرەپ لەقىمى. 1453-يىلى ئەمدىلا 23ياشقا كىرگەن مۇھەممەد2 ئۆزى بىۋاستە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، شەرقى رىمنىڭ قولىدىن مۇقەددەس شەھەر كونىستانتىنۇپولنى تارتىۋېلىپ نامىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىدۇ ھەم 1000يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنى تارىخ سەھنىسىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسى رەسمى يوسۇندا ئاسىيا-ئافرىقا -ياۋروپاغا سوزۇلغان چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلىنىدۇ. تۈركلەر شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

دېمەك تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە 1453 -يىلىمۇ، خۇددى يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1923-يىلىدەكلا مۇھىم يىلنامىدۇر. ئەلۋەتتە بۇ گرېكلارنىڭ ۋە جۈملىدىن پۈتكۈل خرىستىيان ياۋرۇپاسىنىڭ ماتەم كۈنىدۇر. شۇڭا ھەريىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى(ئىستانبۇل فەتېھ قىلىنغان كۈن) ئىستانبۇل ئۈچۈن ئادەتتىكى كۈن بولسىمۇ، ئەمما گرېتسىيىدىكى شەرقى كاتولىك مەزھىپىدىكىلەر ئۈچۈن قاباھەت كۈنىدۇر.

بىر ھەپتىدە ياۋروپانى زىل -زىلىگە سالغان كىنو

ئۆتكەندىكى مۇناسۋەتلىك يازماندا ئېيتقاندەك بۇ كىنو تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ زور مەبلەغ سېلىنغان( 17مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ۋە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ ئىشلەنگەن. كىنو ھەرقايسى جەھەتلەردىن يۇقىرى سۈپەتتە تاماملانغان بولۇپ، كۆرۇرمەنلەرنى خىلىلا رازى قىلىدۇ ( ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە ھوللىيۋودنىڭ ھەشەمەتلىك ئۇرۇش كىنولىرىنى كۆپ كۆرگەن، ئوقۇرى ئۈستۈن كىنو مەستانىلرىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن)   2-ئاينىڭ 17-كۈنى «فەتېھ 1453 » تۇنجى قويۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت «ئەرك گېزىتى» بىر ئوبزور ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېدى:

«ئەينى يىللىرى بىز تېلېۋىزوردىن ”قەيسەر يۈرەك“ فىلىمىنى كۆرگەندە، بىرتەرەپتىن ھەسەت بىلەن بارمىقىمىزنى چىشلىگەن بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن رەنجىپ : بىزنىڭ قالتىس ھېكايىلىرىمىزبار، لېكىن كىنو قىلىپ ئىشلىيەلمەيمىز دېيىشكەن ئىدۇق. ”فەتېھ 1453″ بۇ- بىز ئۇزاقتىن زارىقىۋاتقان بىر كىنو ئىدى.»

كىنودا سۇلتان مۇھەممەد2، كونىستانتىنۇپولغا ھۇجۇم باشلاشتىن بۇرۇن جەڭچىلەرگە:« بىز تاكى دۈشمەن ئالدىمىزدا تىزلانغۇچە جەڭ قىلىمىز » دەيدۇ، تۈرك جەڭچىلىرى تەكبىر ئېيتقىنىچە، «يەريۈزىنىڭ خوجىسى» بولۇش ئۈچۈن شەرەپلىك جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئەمما  كىنودا ئىپادىلەنگەن بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ھەممىلائادەمنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ كەتمىدى. كىنونىڭ ئېلان بۆلەكلىرى يۇتۇبىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركلەر بىلەن گرېكلار توردا شىددەتلىك «تۈكۈرۈك جېڭى» باشلىۋەتتى. گرېتسىيە مىدىيالىرى ئەيىبلەپ ، «بۇ كىنودا پەقەت تۈركلەرنى كۆككە كۆتۈرۈپ، كونىستانىتىپولدا بىگۇناھ قىرغىن قىلىنغان خەلق تاشلىۋېتىلگەن» دېيىشتى. مېنىڭ خەنچە مەنبەلەردىن كۆرۈشۈمچە ، يۇتۇبى تورىدا مۇشۇ سەۋەبلىك مەزكۇر كىنو ھەققىدىكى يوللانمىلارغا باھا يېزىش چەكلەپ قويۇلغان.

مەزكۇر كىنودا تەسۋىرلەنگەن مۇھەممەد 2 ئەتراپلىق مائارىپ تەربىيىسى ئالغان، 6 خىل تىلنى بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق ياش پادىشاھ بولۇپلا قالماي، مىجەز -خۇلق جەھەتتىنمۇ قالتىس. ئۇ خۇددى ئالكساندىرماكىدۇنىسكىيغا ئوخشاش ئۇلۇغۋار غايىلىك ئىستىلاچى. كىنونىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۇ سوفىياچىركاۋىغا كىرىپ، بىرئالتۇن چاچلىق بالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ؛ «كونستانتىنوپول خەلقى سىلەر ئەندىشە قىلماڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئېتىقادىغا ئىشەنسەڭلار تامامەن بولىدۇ» دەيدۇ.

«فەتېھ1453 » قويۇلغاندىن كېيىن بىرھەپتە ئىچىدە گېرمانىيىدە بېلەت كىرىمى جەھەتتە بىراقلا 5- ئورۇنغا چىقتى. گېرمانىيە «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» تەھىلىل قىلىپ، بۇ كىنودا نامايان قىلىغان ئوسمانىيلارنىڭ شەۋكىتى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلقئارالىق ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشىشى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى تۈرك خەلقىنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئىسلام يولىغا يېقىنلاشقان تۈرك سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ دېدى.

ئۇلارنىڭ قارىشىدا تۈركلەر ئۆزسالاھىيىتىنى قايتا تونۇماقتا ۋە دۇنياغا باشقىدىن تونۇتماقتا، يۇقىرىقىدەك مەزمۇندىكى كىنۇلارنىڭ ئىشلىنىشىگە ئەگىشىپ يەنە، تۈركىيە تەۋەلىكىدىكى شەرقى رىم خارابىلىرىمۇ قايتىدىن جانلىنىپ،مىليونلاپ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشقا باشلىغان.

فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» مۇنداق دېدى : تۈركلەرنىڭ مەزكۇر كىنوغا قارىتا ئەسەبىيلەرچە كۆرۈش قىزغىنلىقى قوزغىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش كۆتۈرگەن، «ئوسمان تۈركلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىشى»  نىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىنىڭ بىرى.

مېنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىن كۆرۈشۈمچە«فەتېھ 1453 » قويۇلۇش ھارپىسىدا 1مىليۇن500مىڭ كىشى ئالدىن كۆرۈش ئۈچۈن تىزىملاتقان. دېمەك، «فەتېھ 1453 »تۈركىيە كىنو تارىخىدىكى قالتىس بىر نامايەندە بولۇپ قالدى.

ئۇزۇندىن بۇيان خەنچە توربېكەتلەردە بۇ كىنۇ ھەققىدە بىرىلگەن پارچە-پۇرات خەۋەرلەرنى مەنبە قىلىش ئارقسىىدا يۇقارقى يازمىنى تەييارلىدىم، بەلكىم كىنونىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنشىڭىز ئۈچۈن ئاز-تولا ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.

ھەراست، يازمامنىڭ بېشىدا بىرگەپنىڭ چالىسى قالغاندەك قىلغان، ئەگەر بۇ كىنونى كۆرمەكچى بولسىڭىز، كۆرىمەن دەڭ!

بىردادىنىڭ قىزىغا تەييارلىغان ئالاھىدە سوۋغىسى
كىشىلەر دادا بىلە قىز ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە مۇھەببەت بولىدۇ دەپ قارايدۇ. گوللاندىيىلىك فرانس ئىسىملىك بىر دادا ئۆزىنىڭ 12يىل تەييارلىغان سوۋغىسى ئارقىلىق قىزىغا بولغان مۇھەببىتىنى قالتىس يوسۇندا ئىپادىلەپتۇ.

فرانس قىزى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ، ھەرھەپتىدە قىزىنىڭ تۇرمۇشدىن تەرمە فىلىم ئىشلەپ ماڭغان ھەم بۇ ئىشنى ئۇدا 12 يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

بۇيىل فرانس12 يىلدىن بۇيان سۈرەتكە ئالغان سىن ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ 3مىنۇتلۇق بىرفىلىم ئىشلەپ تورغا چىقارغان بولۇپ، بۇ فىلىم تارقالغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى ئېسىل بىر سوۋغات بولۇپتۇ…

<object width="480" height="400" classid="clsid:d27cdb6e-ae6d-11cf-96b8-444553540000" codebase="http://download.macromedia.com/pub/shockwave/cabs/flash/swflash.cab#version=6,0,40,0"><param name="src" value="http://www.tudou.com/v/L5g2zpo6xAI/&resourceId=0_05_02_99/v.swf" /><param name="allowscriptaccess" value="always" /><param name="allowfullscreen" value="true" /><param name="wmode" value="opaque" /><embed width="480" height="400" type="application/x-shockwave-flash" src="http://www.tudou.com/v/L5g2zpo6xAI/&resourceId=0_05_02_99/v.swf" allowscriptaccess="always" allowfullscreen="true" wmode="opaque" /></object>

تەڭرى نېمىشقا ياخشىلارنى مۇكاپاتلىمايدۇ
1963-يىلى مارى. بەننى ئىسىملىك قىزچاق «چىكاگو مۇنبىرى گېزىتى» گە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئاپىسىغا ياردەملىشىپ پېچىنە پىشۇرۇپ،تاماق شىرەسىگە قويغان ۋاقتىدا پەقەت« ياخشى بالا» دېگەن قۇرۇق ماختاشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، لېكىن گەدەنكەشلىكتىن باشقىنى قىلالمايدىغان دەننىي (مارىنىڭ ئىنىسى ) نىڭ دائىم پېچىنىگە ئېرىشىدىغانلىقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئادالەتسىزلىكنى چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇئۆز نەزىرىدىكى« بىلمەيدىغىنى يوق» سېلر.كۇستېر ئەپەندىدىن شۇنداق سوئاللارنى سورايدۇ: تەڭرى راستىنلا ئادىلمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئائىلە ۋە مەكتەپلەردىكى ماڭا ئوخشاش ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىگەن بالىلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؟

سېلر.كۇستېر ئەپەندى، «چىكاگومۇنبىرى گېزىتى» نىڭ بالىلار سەھىپىسى باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئون يىللاردىن بىرى، بالىلاردىن شۇخىلدىكى«  تەڭرى نېمە ئۈچۈن ياخشىلارنى مۇكاپاتلىمايدۇ، يامانلارنى جازالىمايدۇ ؟»دېگەندەك مەزمۇندىكى خەتلەرنى كۆپ قېتىم تاپشۇرۇپ ئالغان.

ھەرقېتىم بۇخەتلەرنى ئوقۇغىنىدا ئۇنىڭ قەلبى تىمتاسلىققا چۆمەتتى، چۈنكى ئۇ بۇخەتلەرگە نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەلمىگەن ئىدى.

شۇ قېتىم، ئۇ مارىنىڭ خېتىگە نېمە دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقىنىدا، بىر دوستى ئۇنى توي مەرىكىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ.

ئۇ بىرئۆمۈر شۇ قېتىمقى توي مەرىكىسىگە چىن رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى شۇ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقانىدا ئۇ بالىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تاپقان ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ جاۋاب بىر كېچىدىلا دۇنياغا تونۇلدى.

ئۇنداقتا ئۇ توي مۇراسىمىدا سېلر.كۇستېر ئەپەندى قانداق جاۋاب تاپتى؟

باستېر توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قىزبىلەن يىگىت ئۆز-ئارا توي ئۈزۈكى تەقدىم قىلىشىدۇ، لېكىن ئۇلار تەمتىرىگىندىن ئۈزۈكلەرنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ قول بارماقلىرىغا سېلىشماقچى بولىشىدۇ. بۇچاغدا باستېر چاقچاق قىلىپ: «مېنىڭچە ئوڭ قولۇڭلار يېتەرلىك مۇكەممەللىككە ئىگە بولۇپ بولغان، ئەڭ ياخشىسى ئۈزۈكلەربىلەن سول قولۇڭلارنىڭ بارماقلىرىنى بېزەڭلار… » دەيدۇ.

باستېرنىڭ بۇ چاقچىقى راستىنلائۇنىڭ كۆڭلىنى پاللىدە يورىتىۋەتكەن ئىدى. ئوڭ قول ئەسلىدىلا ئىنتايىن مۇكەممەل، ئۇنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەتىراپىمىزدىكى ئەشۇ ئەخلاق، پەزىلەت ئىگىلىرى دائىم نەزەردىن چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يېتەرلىك مۇكەممەلىكىدىن كېلىپ چىققان ئەمەسمۇ؟

سېلر.كۇستېر ئەپەندى كېيىن بۇ ھەقتە مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ: تەڭرى ئوڭ قولنى ئوڭ قول قىلىپ ياراتقان، بۇ ئوڭ قولغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات، شۇھېكمەت بويىچە بولغاندا ئاق كۆڭۈل ئادەملەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى تەڭرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى.

سېلر.كۇستېر بۇ قائىدىنى بايقىغاندىن كېيىن، قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ، ئۇ « تەڭرى سىزنى ياخشى بالا قىلىپ ياراتقان، مانا بۇ سىزگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپاتتۇر » دېگەننى باش تېما قىلىپ، تېزدىن مارىغا جاۋاب خەت يازىدۇ ۋە «چىكاگو مۇنبىرى گېزىتى » دە ئېلان قىلىدۇ، بۇخەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى مىڭدىن ئارتۇق گېزىتتە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنىدۇ ھەم ھەر قېتىملىق بالىلار بايرىمىدا بۇخەت داۋاملىق بېسىلىدۇ.

خەنلەردە: ياخشىلىقنىڭ ياخشىلىق جاۋابى، يامانلىقنىڭ يامانلىقتۇر جاۋابى، گەرئۇنداق بولمىسا، كەلمىگەندۇر دەل ۋاقتى دېگەن گەپ بار، بىز دائىم يامانلارنىڭ جاجىسىنى يېمەيۋاتقانلىقىدىن زارلايمىز، لېكىن بۇ قانۇنىيەت بىزگە ئەسكەرتىدۇكى، ئۇلارنىڭ يامان ئادەم بولۇشى تەڭرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ جازاسى.

خەنچە« ئادەم» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ياش ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەت(6)
ئويلاپ باقسام، نەچچە ئاي ئىلگىرى قولۇمدىكى پىسخىلۇگىيىگە ئائىت بىر خەنچە كىتابچىدىن ئاساسى مەزمۇنىنى ئېلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىۋاتقان  «ياش ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەت»  ناملىق بىر چاتما يازمام بارئىدى، بۈگۈن يادىمغا يېتىپ قالدى، ئاي ئاخىرىدىكى بۈ بىرقانچە تۈندە شۇنىڭ ئاخىرىنى ئېلان قىلىۋېتەي.

ئالتىنچى قانۇنىيەت – خاۋتورن ئېففېكتى

ئامېرىكىنىڭ چىكاكوشەھىرىنىڭ سىرتىدىكى خاۋتورن تېلېفۇن زاپچاسلىرى زاۋۇتىنىڭ مۇكەممەل بولغان كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، داۋالاش تۈزۈمى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈمى قاتارلىق كاپالەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئىشچىلارنىڭ دائىملا زەردىسى ئۆرلەپ، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولمايتتى.

كېيىن، بىر پىسخولوگىيە مۇتەخەسىسى بۇ ئەھۋالغا قارىتا بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىشچىلار بىلەن 20مىڭ ئادەم قېتىم ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ زاۋۇت تەرەپكە بولغان تۈرلۈك كۆزقاراشلىرى ۋە نارازىلىقلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلايدۇ.

ئاقىۋەت بۇخىل سۆھبەت تەجرىبىسى كۈتۈلمىگەن ياخشى ئۈنۈملەرنى يارىتىدۇ،خاۋتورن زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

شەخسەن مەنمۇ سۆھبەتلىشىشنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىمەن، باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرى مەيلى ئورۇنسىز بولسۇن، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ قويۇش ۋە مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىش راستىنلا ياخشى ئۈنۈم  يارىتىدۇ.

بۇنى بالا تەربىيىلەشكە تەتبىقلىساق، بالىلار ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالمايدۇ ياكى ئايرىم مەسىلىلەرگە نارازى بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇنى كۆپ ھاللاردا ئوچۇق -ئاشكارە، دادىل ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. بىر ئانا بولۇش سۈپىتڭىز بىلەن ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

ئەلۋەتتەسۆھبەت داۋامىدا ماھىرلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن بالىنى ئۆز تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتىكى قېيىنچىلىقلىرىنى، ئاتا-ئانىسغا، مەكتەپكە، ئوقۇتقۇچىلىرىغا، ساۋاقداش، دوست-بۇرادەرلىرىگە بولغان كۆزقاراشلىرى ھەمدە نارازىلىقلىرىنى سۆزلەشكە يېتەكلەش كېرەك. بالا ئىچىنى بوشىتىپ بولغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن ئىچىدىكى بىر « دەرد »نى چىقىرىپ تاشلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ، راھەتلىنىدۇ…

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىمىيلىق خىزمەت تۈرىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش دېگەن بىر تۈرلۈك خىزمەت بار، لېكىن مېنىڭ بايقىشىمچە خىلى كۆپ ساندىكى خىزمەتداشلىرىم بۇنى رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەپ، ئايلىق باھالاشتىن ئۆتىۋالىدۇ. مەن 10يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم ۋە ئىككى يىللىق رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن شۇنداق ھۆكۈم قىلىمەنكى، سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى مەسىلىلەردىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىدىغان، مۇناسىۋەتلەرنىڭ قىزىتمىسىنى ياندۇرىدىغان ئېسىل دورا.