• قوللانچى: پارول:

جۇڭگولۇقلارنىڭ «بەخت» ىنى كىم ئوغرىلاپ كەتتى؟

تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دانىيە كىشىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ مەنبەسى باراۋەرلىك ئىكەن، سىنگاپورلۇقلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ مەنبەسى مۇكەممەل بولغان قانۇن ئىكەن؛ھىندىستاننىڭ كالكۇتتادا ياشايدىغان نامراتلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى بولسا ئۆز-ئارا مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ ياشاشتىن كېلىدىكەن… بايقاش تەس ...

قانداق ئىقتىدار ئەڭ مۇھىم؟

«بىزگە ئەڭ كېرەكلىك، بىز ئەڭ ئېھتىياجلىق قابىلىيەت زادى نېمە؟ بۇزامانىۋى جەمئىيەتتە بىزقايسى ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك؟… بۇ بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سۇئاللىرى. بىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئېلىگىرى، بىرلىكتە تېخى بىز بىلەن ئىچەكىشىپ كەتمىگەن بۇ زامانىۋى دەۋرنى ...

«مېڭە يۇيۇش» دېگەن نېمە؟

نەچچە كۈن بۇرۇن، بىر تورداش ئېلخەت يېزىپ «مېڭە يۇيۇش» ئۇقۇمى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىمنى سوراپتىكەن، گەرچە پىسخىلوگ بولمىساممۇ، پىسخىلوگىيە ھەۋەسكارى بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ، ئاز-تولا ئىزدىنىپ قويدۇم. «مېڭە يۇيۇش» دېگەن نېمە؟ مۇناسىۋەتلىك خەنچە ما ...

پىسخىكىلىق سىناق: بەش خىل ھايۋانات بىلەن ئورماندىن ئۆتۈش

ئۇزۇن بوپتۇ تورداشلارنىڭ پسىخىكىسىنى سىناپ باقمىغىنمغا، بەلكىم تورداشلارنىڭمۇئۆز پسىخىكىسىنى بىر تەكشۈرۈپ باقىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. بۈگۈن سىلەرگە بىر سىناق ئېلىپ كەلدىم، مەزمۇنى خۇددى بىر ئويۇننى ئەسلىتىدۇ، ئەمما نەتىجىسى سىزنى ئويغا سالىدۇ، مېنىڭچە سىزئاۋال سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇ ...

ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 40سائەت بولسا مۇۋاپىق

لېنىن «ئارام ئېلىشنى بىلمىگەن يولداش، خىزمەت قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ» دەپتىكەن، بۇ بىر ھەپتە، بۇ كومۇنىزم داھىيسىنىڭ پەتىۋاسىغا يۈز نومۇر بېرىۋەتتىم،چۈنكى بىرھەپتە خىزمەت سىجىللىقىم ھەددىدىن زىيادە بولغان  بولسىمۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئىش ئۈنۈمىنىڭ بەكلا تۆۋەن بولغانلىقىنى بايقىدىم. دېمەك، خىزمەت ۋاقتى ئۇ ...

كائىنات ۋە ئادەم: بىردەم تۇيغۇ يېڭىلايلى…

ئۇھ… تۈنۈگۈن بىركۈن بىلوگدا «فەتېھ 1453 » نىڭ غوۋغاسى بىلەن ئوت كەتتى، ئوتنى ئۆچۈرىمەن دەپ پىقىر ھالىدىن كەتتى، بۈگۈن بايرام ئىكەن، ۋەتەنگە توپلىنىپ كەتكەن كىنو مەستانىلىرى كىنو تېپىلغۇچە زېرىكىپ كەتمىسۇن دەپ بايراملىق سوۋغات تەييارلاپ قويدۇم. سىلەر كۆرگەچ پاراڭلىشىڭلار، مەن تۈركىيىگە بېرى ...

«فەتېھ 1453» نى كۆرەمدۇق؟

ئۆتكەندە بىلوگىمدا تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىپ ئىشلەنگەن تارىخى فىلىم« فەتىھ 1453 » ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ئىدىم ۋە تورداشلارغا بۇ فىلىمنى تېز ئارىدا تېپىپ، چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەيمەن دەپ لاپ ئۇرغاندەك قىلغانتىم. ئەمەلىيەتتە شۇنىڭدىن بىرى ئىزچىل تۈردە بۇ كىنونى ئىزدەپ يۈ ...

بىردادىنىڭ قىزىغا تەييارلىغان ئالاھىدە سوۋغىسى

كىشىلەر دادا بىلە قىز ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە مۇھەببەت بولىدۇ دەپ قارايدۇ. گوللاندىيىلىك فرانس ئىسىملىك بىر دادا ئۆزىنىڭ 12يىل تەييارلىغان سوۋغىسى ئارقىلىق قىزىغا بولغان مۇھەببىتىنى قالتىس يوسۇندا ئىپادىلەپتۇ. فرانس قىزى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ، ھەرھەپتىدە قىزىنىڭ تۇرمۇشدىن تەرمە فىلىم ئىشلەپ ماڭ ...

تەڭرى نېمىشقا ياخشىلارنى مۇكاپاتلىمايدۇ

1963-يىلى مارى. بەننى ئىسىملىك قىزچاق «چىكاگو مۇنبىرى گېزىتى» گە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئاپىسىغا ياردەملىشىپ پېچىنە پىشۇرۇپ،تاماق شىرەسىگە قويغان ۋاقتىدا پەقەت« ياخشى بالا» دېگەن قۇرۇق ماختاشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، لېكىن گەدەنكەشلىكتىن باشقىنى قىلالمايدىغان دەننىي (مارىنىڭ ئىنىسى ) نىڭ دائىم پېچىنىگە ...

ياش ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەت(6)

ئويلاپ باقسام، نەچچە ئاي ئىلگىرى قولۇمدىكى پىسخىلۇگىيىگە ئائىت بىر خەنچە كىتابچىدىن ئاساسى مەزمۇنىنى ئېلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىۋاتقان  «ياش ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەت»  ناملىق بىر چاتما يازمام بارئىدى، بۈگۈن يادىمغا يېتىپ قالدى، ئاي ئاخىرىدىكى بۈ بىرقانچە تۈندە شۇن ...

1945-يىلى سۆۋېت ئىتتىپاقى «تاھىر-زۆھرە»كىنوسىنى ئىشلەپتىكەن

بۈگۈن verycd دىن بىركىنۇ ئىزدەۋىتىپ، كۈتمىگەن يەردىن« تاھىر-زۆھرە» (Takhir and Zukhra) ناملىق بىركىنۇھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قالدىم. كىنونىڭ ئىشلەنگىنىگە ئۇزۇن بولغان ئىكەن، شۇڭىمۇ گوگۇلدىن ئىزدەپمۇ ھېچقانچە ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىدىم. ئېنگلىزچە چۈشەندۈرۈشىنى ھەجىلەپ يۈرۈپ قارىسام، بۇ كىنو 1945 ...

ئامېرىكا كىنۇلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ھاياجان ئىبارىلىرى

ماڭا ئوخشاش ئامېرىكافىلىملىرىنى كۆپ كۆرىدىغان دوستلارمۇ بايقىغان بولىشى مۇمكىن، بۇ فىلىملەردە كۆپ تەكرارلىنىدىغان بىرمۇنچە ھاياجان ئىبارىلىرى بار. كىنولاردىن بىزگە مەلۇمكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ چىراي ئىپادىسى بەك مول، قارىماققا نۇرغۇن تۇيغۇلىرىنى چىراي ئىپادىسى بىلەنلا ئىپادىلەيدىغاندەك قىلىدۇ. يەن ...